和田招商引资推介会在郑州举行
ۋىلايىتىمىزنىڭ سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ
قىلىش بويىچە تونۇشتۇرۇش يىغىنى جېڭجوۋدا ئۆتكۈزۈلدى
ۋىلايەتلىك يۇغۇرما تاراتقۇ، جېڭجوۋ خەۋىرى (ئالاھىدە ئەۋەتىلگەن مۇخبىر خۇي فېڭلېي) ۋىلايىتىمىزنىڭ «قول تۇتۇشۇپ تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش . ھەمكارلىشىپ يېڭى سەھىپە پۈتۈش» باش تېمىسىدىكى سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىش بويىچە تونۇشتۇرۇش يىغىنى 1- ئاينىڭ 20- كۈنى جېڭجوۋدا ئۆتكۈزۈلدى، يىغىندا ۋىلايىتىمىزنىڭ مول بايلىقى، تەرەققىيات پۇرسىتى ۋە ياخشى تىجارەت - سودا مۇھىتى مەركەزلىك تەشۋىق قىلىنىپ تونۇشتۇرۇلۇپ، خوتەن بىلەن خېنەن ئىككى جاينىڭ كەسىپلىرىنى دەل جايىدا ئۇدۇللاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇنۇپ، رايون ماس تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە قۇۋۋەت قوشۇلدى.
تونۇشتۇرۇش يىغىنىدا، كارخانا ۋەكىللىرى نەق مەيداندا پىكىر ئالماشتۇرۇپ سۆز قىلدى، ۋىلايىتىمىزنىڭ ئالاقىدار ناھىيە (شەھەر)لىرى مەخسۇس تېمىدا سودىگەر چاقىرىش بويىچە تونۇشتۇرۇشنى قانات يايدۇردى ھەم 15 كارخانا بىلەن مەركەزلىك ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىدى.
خېنەن ئۆلكىسى يۈدى پەن - تېخنىكا گۇرۇھىنىڭ باش مۇدىرى يۈ جىيۈن تەبرىك سۆزىدە مۇنداق كۆرسەتتى: بۇ قېتىمقى تونۇشتۇرۇش يىغىنى ئارقىلىق كارخانا بىلەن يەرلىك ئارىسىدا يۇقىرى ئۈنۈملۈك ھەمكارلىق سۇپىسى بەرپا قىلىندى، گۇرۇھىمىز قېزىلما بايلىقلارنى چارلاش،تەكشۈرۈش، ئېچىش ھەمكارلىقىنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرىدۇ ھەم خېنەن كارخانىچىلىرىنىڭ خوتەنگە بېرىپ مەبلەغ سېلىپ تەرەققىي قىلىشىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قوللايدۇ ۋە مۇلازىمەت قىلىدۇ.
شىنجاڭ خېنەنلىكلەر بىرلەشمىسىنىڭ باشلىقى سۈن لېي خوتەننىڭ كەسىپ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتىكى سەمىمىي پوزىتسىيەسى ۋە ئەمەلىي تەدبىرىنى ماختىدى ھەمدە بىرلەشمىنىڭ كۆۋرۈكلۈك، ۋاسىتىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، كارخانىچىلارنى خوتەنگە بېرىپ تەكشۈرۈشتە بولۇشقا قەرەللىك تەشكىللەپ، خوتەننىڭ سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىشتىكى ياخشى ئالاقىچىسى، تەشۋىقاتچىسـى بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ مۇئاۋىن ۋالىيسى جـاڭ تـۇڭ سـودىگەر چاقىرىش ـ تونۇشتۇرۇش بويىچە ئاساسىي مەقسەت نۇتقى سۆزلەپ، ۋىلايىتىمىزنىڭ ئادىمىيەت تارىخى، بايلىق ئەۋزەللىكى، كەسىپلەرنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى، تىجارەت - سودا مۇھىتى قاتارلىق ئەھۋاللارنى ئومۇميۈزلۈك تونۇشتۇردى، ۋىلايىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىدىكى سىياسەت، رايون ئورنى، ئامىل كاپالىتى قاتارلىق ئەۋزەللىكلىرىنى سىستېمىلىق بايان قىلدى ۋە چۈشەندۈردى، دىققەتنى يېشىل كانچىلىق، توقۇمىچىلىق، كىيىم - كېچەك، زامانىۋى جۇڭيى تېبابىتى دورىگەرلىكى، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىنچىكە پىششىقلاپ ئىشلەش، مەدەنىيەت - ساياھەت، سودا ئەشيا ئوبوروتى قاتارلىق ساھەلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ نۇقتىلىق تەشۋىق قىلدى، تونۇشتۇردى ھەم يىغىنغا قاتناشقان كارخانىچىلار بىلەن نەق مەيداندا پىكىر ئالماشتۇرۇپ، كۆپچىلىكنىڭ سوئاللىرىغا بىر -بىرلەپ جاۋاب بەردى. يىغىن مەيدانىدىكى ھەمتۈرتكە بولۇش كەيپىياتى قىزغىن بولدى.
بۇ قېتىمقى تونۇشتۇرۇش يىغىنى 350 تىن ئارتۇق كارخانا ھەم ساھە جەمئىيەتلىرىنىڭ ۋەكىلىنى قاتنىشىشقا جەلپ قىلدى. تونۇشتۇرۇش يىغىنىدىن كېيىن، ھۆكۈمەت بىلەن كارخانا ئىككى تەرەپ يەنە كەسىپ ھەمكارلىقى قاتارلىق جەھەتلەرنى چۆرىدەپ گۇرۇپپىلارغا بۆلۈنۈپ سۆھبەتلەشتى، خىزمەتلەرنى ئۇدۇللاشتۇردى.
(تەرجىمە قىلغۇچى: سالامەت سىدىق)

来源:和田日报 编辑:艾克拜尔·吾买尔审核:买买提吐尔逊·吾斯曼 举报电话: 18899276002 举报邮箱: 615838983@qq.com