发布信息

赏非遗、观展览,社区开展多彩活动丰富文化生活

作者:本站编辑      2026-04-14 17:01:53     0
赏非遗、观展览,社区开展多彩活动丰富文化生活

غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى تاماشا قىلىش، كۆرگەزمىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىش

 مەھەللىلەر مول مەزمۇنلۇق پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇپ، مەدەنىيەت تۇرمۇشىنى بېيىتتى

 يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونىدىكى ھەرقايسى مەھەللىلەر دىققەتنى ئاممىنىڭ ئېھتىياجىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، شەكلى كۆپ خىل، مەزمۇنى تولۇق بولغان خەلققە نەپ يەتكۈزۈش پائالىيەتلىرىنى كۆڭۈل قويۇپ تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇپ، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى كۆرىكى، قاتناش بىخەتەرلىكى بويىچە لېكسىيە سۆزلەش، باش تېمىلىق كۆرگەزمە قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، مەدەنىيەت ئىللىقلىقى ۋە بىخەتەرلىك ئىدىيەسىنى ئاممىنىڭ يېنىغىچە يەتكۈزدى.

4-ئاينىڭ 12-كۈنى، مەھەللە ئاھالىلىرى ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونى خېيجياشەن كوچا باشقارمىسى فۇكاڭ كوچىسى جەنۇبىي مەھەللىسىدە ئۆتكۈزۈلگەن بىزنىڭ جۇڭگو ئارزۇيىمىز . مەدەنىيەتنى ھەممە ئائىلىگە كىرگۈزۈش—«تىيانشان قەلبداش بولدى» تۆت پەسىللىك كەنت ئاممىۋى بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكى مەدەنىيەت ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش ئويۇنى قويۇش نەق مەيدانىدا شىر ئۇسسۇلىدىن ھۇزۇرلانماقتا.

4-ئاينىڭ 12-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونى خېيجياشەن كوچا باشقارمىسى فۇكاڭ كوچىسى جەنۇبىي مەھەللىسى بىزنىڭ جۇڭگو ئارزۇيىمىز. مەدەنىيەتنى ھەممە ئائىلىگە كىرگۈزۈش--«تىيانشان قەلبداش بولدى» تۆت پەسىللىك كەنت ئاممىۋى بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكى مەدەنىيەت ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش ئويۇنى قويۇش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى، ھەر مىللەت ئامما خۇشال كۈلكە سادالىرى ئىچىدە مەدەنىيەتنىڭ جەلپكارلىقىنى ھېس قىلدى.

4-ئاينىڭ 12-كۈنى، مەھەللە ئاھالىلىرى ئويۇن قويۇش نەق مەيدانىدا چۈەنجۈ تىياتىرىنىڭ چىراي ئۆزگەرتىش ماھارىتىنى كۆرمەكتە.

4-ئاينىڭ 12-كۈنى، مەھەللە ئاھالىلىرى ئويۇن قويۇش نەق مەيدانىدا شىر ئۇسسۇلىنى كۆرمەكتە.

4-ئاينىڭ 13-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونى نەنۋەن كوچىسى كوچا باشقارمىسى يەنئەن يولى مەھەللىسى ئۈرۈمچى شەھەرلىك 10-باشلانغۇچ مەكتەپكە بېرىپ، «قاتناش بىخەتەرلىكىنى مەكتەپلەرگە كىرگۈزۈش، مەدەنىي يول يۈرۈش ئۆسۈپ يېتىلىشكە ھەمراھ بولۇش» باش تېمىسىدىكى لېكسىيە سۆزلەش پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى. پائالىيەتتە ئوقۇغۇچىلارنىڭ يول يۈرۈش ئالاھىدىلىكىگە بىرلەشتۈرۈلۈپ، قاتناش بىخەتەرلىكى بىلىملىرى نۇقتىلىق ئومۇملاشتۇرۇلدى. پائالىيەتتە بىلىم ئېلىش بىلەن كۆڭۈل ئېچىشنى بىرلەشتۈرۈش شەكلى ئارقىلىق، قاتناش بىخەتەرلىكى بىلىملىرى ھەمتۈرتكە بولۇپ ھېس قىلىشقا سىڭدۈرۈلۈپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىخەتەرلىك بويىچە ئالدىنى ئېلىش ئېڭى ھەقىقىي ئۆستۈرۈلدى.

4-ئاينىڭ 13-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونى نەنۋەن كوچىسى كوچا باشقارمىسى داۋان شىمالىي مەھەللىسى پارتىيە باش ياچېيكىسى تىيانشان رايونلۇق بازار نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ مەھەللىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى بىلەن بىرلىشىپ، ئاھالىلەرنى ئاپتونوم رايون قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى باش تېمىسىدىكى مۇۋەپپەقىيەتلەر كۆرگەزمىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىشقا تەشكىللىدى.

4-ئاينىڭ 13-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونى نەنۋەن كوچىسى كوچا باشقارمىسى يەنئەن يولى مەھەللىسى ئۈرۈمچى شەھەرلىك 10-باشلانغۇچ مەكتەپتە «قاتناش بىخەتەرلىكىنى مەكتەپلەرگە كىرگۈزۈش، مەدەنىي يول يۈرۈش ئۆسۈپ يېتىلىشكە ھەمراھ بولۇش» باش تېمىسىدىكى لېكسىيە سۆزلەش پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى، ئوقۇغۇچىلار قاتناش بەلگىلىرىنى پەرقلەندۈرۈش بويىچە ھەمتۈرتكە بولۇش پائالىيىتىگە ئاكتىپ قاتنىشىپ، قىزىقارلىق ھېس قىلىش جەريانىدا بىخەتەرلىك بىلىملىرىنى ئۆگەندى.

来源:新疆日报记者:约提克尔·尼加提编辑:美丽克扎提·莫合布力江

相关内容 查看全部