和田农产品北京交易会签约金额逾3.3亿元
بېيجىڭ سودا يەرمەنكىسىدە خوتەن يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش بويىچە ئىمزالانغان كېلىشىم سوممىسى 330 مىليون يۈەندىن ئاشتى
ۋىلايەتلىك يۇغۇرما تاراتقۇ، بېيجىڭ خەۋىرى (ئالاھىدە ئەۋەتىلگەن مۇخبىرلار ئادىلە، ئابابەكرى) 15 ـ نۆۋەتلىك شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى بېيجىڭدا سېتىش بويىچە كېلىشىم ئىمزالاش مۇراسىمى 10 ـ ئاينىڭ 25 - كۈنى مەملىكەتلىك يېزا ئىگىلىك كۆرگەزمە سارىيىدا ئۆتكۈزۈلدى، خوتەن ۋىلايىتى 10 يېزا ئىگىلىك تۈرىدە كېلىشىم ئىمزالىدى، سوممىسى 334 مىليون 800 مىڭ يۈەنگە يېتىدۇ. بۇ، خوتەننىڭ ئەلا سۈپەتلىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پۈتۈن مەملىكەت بازارلىرىغا يۈزلەندۈرۈش، يېزا ئىگىلىك كەسپىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشقا يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى قوشىدۇ.
بۇ نۆۋەتلىك سودا يەرمەنكىسى شىنجاڭنىڭ يېزا ئىگىلىك تەرەققىياتىنىڭ نەتىجىلىرىنى نامايان قىلىدىغان سۇپا بولۇپ، ۋىلايىتىمىز 30 كارخانىنـى يەرمەنكىگە قـاتنىشىشقا تـەشكىللەپ،121خىل خاس مەھسۇلاتنى مەركەزلىك نامايان قىلدى. بۇ قېتىم كېلىشىم ئىمزالانغان تۈرلەر خاس تېرىقچىلىق، خاس باغ - ئورمانچىلىق، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش قاتارلىق ساھەلەرنى قاپلىغان بولۇپ، خوتەن چىلىنى، ياڭاق قاتارلىق داڭلىق يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، بېيجىڭ ھەم باشقا رايونلاردىكى كارخانىلار بىلەن ھەمكارلىق كۈچەيتىلىپ، سېتىش يوللىرى كېڭەيتىلىپ، ۋىلايىتىمىزنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ماركىسىنىڭ تونۇلۇش دەرىجىسى ۋە بازار رىقابەت كۈچى يەنىمۇ ئۆستۈرۈلگەن.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى «يېشىل، قۇۋۋەتلىك، مەززىلىك، ساغلام» بولۇشتىن ئىبارەت روشەن ئالاھىدىلىكى بىلەن پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئىستېمالچىلارنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشتى. بېيجىڭ شەھىرىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خوتەن قوماندانلىق ئىشتابى خوتەننىڭ ئەلا سۈپەتلىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى «سىرتقا چىقىرىش»قا سىجىل تۈرتكە بولۇپ، ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشتى. بۇ نۆۋەتلىك يەرمەنكە 10 - ئاينىڭ 29 - كۈنىگىچە داۋاملىشىدۇ، بۇ مەزگىلدە يەنە مەخسۇس تېمىلىق تونۇشتۇرۇش، تور ۋە تور سىرتىدا كۆرگەزمە قىلىپ سېتىش قاتارلىق پائالىيەتلەر قانات يايدۇرۇلۇپ، شىنجاڭ بىلەن بېيجىڭ ھەم خۇابېي رايونىنىڭ ئىقتىساد - سودا ھەمكارلىقى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇلۇپ، شىنجاڭنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا كۈچ قوشۇلىدۇ.
(تەرجىمە قىلغۇچى: ئارزۇگۈل ئەنۋەر)

来源:和田日报 编辑:阿迪拉木·阿布杜热西提审核:安外尔·阿卜力米提 举报电话: 18899276002 举报邮箱: 615838983@qq.com